باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز لاتارىيە بېلىتى مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2015.06.26 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆتتىن بىردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان مەبلەغتە مەسىلگە كۆرۈلگەن

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى بۈگۈن «2015- يىللىق 4- نۇمۇرلۇق ئۇقتۇرۇش: لاتارىيە بېلىتى مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى 18 ئۆلكىنىڭ 2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان لاتارىيە بېلىتى تارقىتىش ھەققى ۋە لاتارىيە بېلىتى جامائەت مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلغان، 65 مىليارد 815 مىليون يۈەن لاتارىيە مەبلىغىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەن، يالغان مەلۇم قىلىپ نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىش، ئىگىلىۋىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىۋىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىنا سېلىش ۋە ياردەم پۇل، تولۇقلىما پۇل تارقىتىش قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەسىلىسى بار 16 مىليارد 932 مىليون يۈەننى تەكشۈرۈپ چىققان، بۇ ئارىلاپ تەكشۈرگەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %25.73 ئىگىلىگەن.

  بۇ قېتىملىق ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق 65 مىليارد 815 مىليون يۈەن مەبلەغ ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى مەملىكەتلىك لاتارىيە مەبلىغىنىڭ %18.02 نى ئىگىلىگەن. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش ئارقىلىق يالغان مەلۇم قىلىپ نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىش، ئىگىلىۋىلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىۋىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىنا سېلىش ۋە ياردەم پۇل، تولۇقلىما پۇل تارقىتىش قاتارلىق قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەسىلىسى بار 16 مىليارد 932 مىليون يۈەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان، بۇ ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %25.73 نى ئىگىلىگەن؛ لاتارىيە بېلىتى پاراۋانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 854 گە چېتىلىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن تۈر %17.2 كە يەتكەن. بەزى جايلاردا يەنە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىش، لاتارىيە بېلىتى مەبلىغى ئىشلىتىلمەي بىكار قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر