باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىندى

2015.06.26 20:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 21 – قېتىملىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش تەلەپ قىلىندى. يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق سەككىز مەكتەپ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىشلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى تېزلىتىش، جەمئىيەت، مەكتەپ، ئائىلە بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەش؛ پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسى، مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگىچە تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى، ئىدىيەسىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ، زامانىۋى شىنجاڭلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چېقىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر