پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ـــ كاراچىدا شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئىيۇن يەنىلا تومۇز ئىسسىق بولدى. داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تومۇز ئىسسىقتا ھازىرغىچە 1000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بۇ سان يەنە ئېشىشى مۇمكىنكەن. ئۇدا داۋام قىلغان تومۇز ئىسسىقتا نەچچە تۈمەن كىشىگە ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان ھەم سۇسىزلىنىپ كەتكەن، بۇ خىل تومۇز ئىسسىق ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت كاراچىدىكى پۈتۈن شەھەر خەلقىنى قويۇپ بېرىپ، ئۆيلىرىدە دەم ئېلىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى جاكارلىغان.