باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر مەركەزنىڭ ئۈچ خىراجەت خامچوتى %20 قىسقارتىلدى

2015.06.29 16:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ بۇلتۇرقى نەقچوت دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى خامچوتتىكىدىن %20 تىن ئارتۇق قىسقارتىلغان، لېكىن مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىكەن. بۇلتۇر مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت قىزىل رەقىمى 950 مىليارد يۈەن بولۇپ، خامچوت بىلەن تەڭلەشتى. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ نەقچوتىنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىم-چىقىم پەرقى بىر تىرىليون 350 مىليارد يۈەن، قىزىل رەقەم نىسبىتى %2.1 بولۇپ، كۆزلىمە سەۋىيەسىدە تىزگىنلەنگەن. بۇندىن باشقا، جەمئىيەت بىر قەدەر كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى بۇ يىل داۋاملىق ئازىيىپ، جەمئىي بەش مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتتىكىدىن بىر مىليارد 271 مىليون يۈەنلىك تېجەپ قېلىنغان. بۇ ئەمەلىي چىقىم سانلىق مەلۇماتى پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى ئاشكارىلانغان تۇنجى يىل بولۇپ، 2010-يىلىدىكىنىڭ %62 گە توغرا كەلگەن. ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مەركەز تارماقلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسى سېتىۋېلىش بىلەن قاتناش خىراجىتىنى قىسقارتىش ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان. گەرچە ئومۇمىي كىرىم-چىقىم ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، چىقىمنىڭ ئورۇنلىنىش خامچوتى %99 كە يەتكەن، بىراق ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە مەخسۇس كىرىمنى ئىشلىتىشنىڭ بىر تۇتاشلىقى يەنىلا يېتەرسىز ئىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ماكرولۇق ئىقتىساد ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىدە، مالىيە كىرىمى ئومۇمىي جەھەتتىن ئازىيىشقا يۈزلەنگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر