باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىدا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2015.06.26 20:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇيەسسەر ئاباھامىتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 5 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە بەش خىل مەزمۇندىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان دۆلەت دەرىجىلىك بايرام بولۇپ، بۇ بايرامنى ياخشى ئۆتكۈزۈش دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدا مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، مائارىپ مەركىزى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمى، 2015 – يىللىق يىپەك يولى ئويۇن قويۇش كېڭىشىش يىغىنى، شىنجاڭ ئۇسسۇل سەنئىتى قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمىسى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى بۇيۇملىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش قاتارلىق مىللىي خاسلىقنى نامايان قىلىدىغان پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنى شىنجاڭ ‹‹تەڭرىتاغ تورى›› ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇسسۇل جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار بالىلار بۇ بايرامغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ‹‹تەڭرىتاغ تورى››نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قۇربانجان يۇنۇس مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىز بىر نەچچە قېتىم ئاساسىي قاتلامغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇسسۇل جەھەتتە تالانتى بار 30 بالىنى تاللاپ، بايرام مەزگىلىدە يازلىق لاگېر پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر