باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىئاتسىيەسى«بىر بەلباغ بىر يول »قۇرۇلۇشىغا 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالدى

2015.06.30 11:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مۇخبىرنىڭ، 2015-يىللىق جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە : خەلق ئاۋىياتسىيەسى، « 2015 - يىلى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇش تىزىملىكى » گە ئاساسەن، بۇ يىل خەلق ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدە 193 چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، بۇنىڭغا 500 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، « بىر بەلباغ بىر يول » ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈرىدىن 51ى بولۇپ ، 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ مۇنبەردا مۇنداق دېدى: 2014 - يىلى ، دۆلىتىمىز بىلەن « بىر بەلباغ بىر يول » بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مال سودا سوممىسى 1 تىرىليون 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئېلىمىز خەلقئارا سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىدى . مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى 10 يىلدا ، دۆلىتىمىز بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا سوممىسى ھەسسىلەپ كۆپىيىدىكەن ، خادىم ۋە مال ئوبوروت ئېھتىياجى كۆلىمىمۇ مىسلىسىز ئاشىدىكەن ، خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپى ئۈچۈن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 39.4 كە يېتىپ، دۆلەت ئىچى ھاۋا لىنىيەسىنىڭكىدىن 30 پوئىنتى يۇقىرى بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر