باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان سودا ساھەلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى

2015.06.26 20:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېن چياڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان سودا ساھەلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تارقاتقان ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا كارخانىلىرىنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نىڭ روھى بويىچە، دۇكان كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان، تىجارەت دائىرىسى تېلېۋىزور، تېلېفون، پوچتا ئارقىلىق سېتىۋېلىش، ئالاقە تورى، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى قاتارلىق دۇكانسىز سودا شەكىللىرىگە چېتىلىدىغان ھەم ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا ساھەلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى››نىڭ 17 –، 18 – ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن تاۋارلاردىن باشقا، مەدەت ھەم ئىجازەت بېرىلىدىغان، تۈردىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى سالىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 100 مىليون دوللاردىن تۆۋەن بولغان كارخانىلارنى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سودىغا مەسئۇل تارماقلىرى تەستىقلايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى سودىغا مەسئۇل تارماقلار ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونلىرى دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە كەسىپ سىياسىتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ سېلىنىش يۆنىلىشىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ توختامدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ۋە تىجارەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرۇشى ھەم تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر