باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىدە خىزمەتداشلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ

ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەندە ئىسپاتنى ساقلاپ قويۇش لازىم

2015.06.29 18:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) بېيجىڭ شەھەرلىك ئەمگەك-خادىم ماجراسى كېسىم كومىتېتى تۇنجى قېتىم 10 تۈرلۈك ۋەكىللىك ئەمگەك-خادىم ماجراسىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئەمگەك-خادىم ماجراسىدىن ساقلىنىشتىكى 10 نۇقتىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغاندا، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىسپات سۆزىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولالايدۇ؛ خىزمەتتىن ئايرىلىش رەسمىيىتى بىجىرىلىپ بولۇنمىغاندا، مائاش داۋاملىق تارقىتىلىدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 10 دېلو مائاش، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش، ئىشتا يارىلىنىش تەمىنات-تۆلىمى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان ئەمما ئاسان كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەمگەك ماجرالىرىغا چېتىلىدۇ. بۇ دېلولارغا قارىتا، شەھەرلىك ئەمگەك-خادىم ماجرالىرى كېسىم كومىتېتى ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا 10 تۈرلۈك ساقلىنىش نۇقتىسىنى ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ قېلىپلاشتۇردى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك ماجرالىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ۋە ماجرانى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر