ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز نىياز راھمان، قۇربان ئېزىز خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە 2-تۈركۈمدە كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارا مەھەللە كەنتىگە چۈشكەن 5-خىزمەت گۇرۇپپىسى تۆت ئايدىن بۇيان خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەلنى مايىل قىلىشقا قارىتىپ، بۇ كەنتتىكى 350 دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئومۇميۈزلىك زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋالى ۋە ئىنكاس قىلغان 59 تۈرلۈك مەسىلىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىچىملىك سۇ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، تېرىلغۇ يەر ماجىرالىرى قاتارلىق 40 دىن ئارتۇق مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىپ ۋە ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى « يازنىڭ ئۈچ ئىشى» غا يېقىندىن ياردەملىشىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ مايىللىقىنى ھەقىقىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇل ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.