گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى، مەركەز تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جاھانغا تارالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭغا سەپەر›› ناملىق چوڭ تىپتىكى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى 25 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە باشلاندى.
‹‹جاھانغا تارالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى›› پائالىيىتىدە مەركەز ۋە يەرلىكتىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى ئاساس قىلىنىدۇ، باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، سەنئەتكارلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. ھەر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلار 100 ئەتراپىدا بولۇپ، پائالىيەت ۋاقتى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى مەدەنىيەتكە دائىر لېكسىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى، قەلەمكەشلەر يىغىلىشى، زىيارەت ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پائالىيەت 2013 – يىلىدىن بۇيان گۇيجۇ، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، يۈننەندە تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرلىكتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى، مەركەز تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيىتىگە ئايلاندى. شىنجاڭ ‹‹جاھانغا تارالغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى›› پائالىيىتىنىڭ 5 – بېكىتى. گوۋۇيۈەننىڭ مەسلىھەتچىسى دۇ يىڭ، مەركەز تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ مېڭ، ياڭ تيەنشى، چېڭ شى، لى چيەنكۈەن، ۋۇ جېڭشەن، نىما زېرىن، چېن پىڭيۈەن قاتارلىقلار ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ قاتارلىق 34 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەردىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ باشلىقلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ۋەكىللىرى بۇ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مۇراسىمدا سۆز قىلدى.
جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ يۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى شىنجاڭدا تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ، يەرلىك بىلەن يەرلىكنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت تارقىتىش سۇپىسى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.