باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەتتە ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى تەستىقلىدى

2015.06.25 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا تۆمۈريول، ئايرودوروم قاتارلىق يەتتە ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى تەستىقلىغانلىقىنى، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 120 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئايرودوروم تۈرى خەيكو مېيلەن خەلقئارا ئايرودورومىنىڭ 2-قارارلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى يېڭىدىن سېلىنىدىغان ۋۇداليەنچى خەلق ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى، جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيىسى پەن-تېخنىكا تەتقىقات يۇرتى تەجرىبە بازىسى، يېڭىدىن سېلىنىدىغان شىنجاڭ يەكەن خەلق ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى، يېڭىدىن سېلىنىدىغان شىنجاڭ چاقىلىق خەلق ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى قاتارلىق بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەيكو مېيلەن خەلقئارا ئايرودورومى 2-قارارلىق كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 2025-يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 35 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك تىرانسپورت مىقدارى 400 مىڭ توننىغا يېتىش نىشانىغا ئاساسەن لايىھلەنگەن بولۇپ، بۇ تۈرگە جەمئىي 14 مىليارد 468 مىليون مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ ۋۇداليەنچى ئايرودۇرۇمىنىڭ يېقىنقى قۇرۇلۇشى 2020-يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك تىرانسپورت مىقدارى 1500 توننىغا يېتىش نىشانى ئاساسىدا لايىھلەنگەن، بۇ تۈرگە جەمئىي 691 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  ئۇندىن باشقا يەنە يېڭىدىن ياسىلىدىغان خېپۇ-جەنجياڭ تۆمۈريولى ۋە شاڭچيۇ-خېفېي-خاڭجۇ تۆمۈر يولىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر