- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ئىشتا يارىلىنىش ۋە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى
2015.06.25 16:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24 - ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، مۇقۇم ئۆسۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىدا، 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ئوتتۇرىچە ھەق نىسبىتىنى %1 دىن 0.75%غا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ساھەلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرى دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆلچەملىك ھەق نىسبىتى دەرىجىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئىشتا يارىلىنىش نىسبىتىغا ئاساسەن ئورۇن( كارخانا)لارنىڭ ھەق نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ياكى چۈشۈرۈش؛ تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى 1%تىن تۆۋەن بولۇشتىن %0.5تىن تۆۋەن بولۇشقا تەڭشەش؛ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندى مۇۋاپىق قالدۇق مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن رايۇنلاردا ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر