باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جوڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قوشۇمچە دوكتور يېتەكچىسى سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.06.25 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:24-ئىيۇن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئىسلاھات لايىھىسىدە دېيىلىشچە، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلدارلار، كارخانىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتتە تۇرۇپ دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىدىكەن. ھەمدە ، ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە دوكتور يېتەكچىسى سانىنى قىسقارتىدىكەن.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ خوڭۋېينىڭ تونۇشتۇرشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان«جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئوقۇغۇچىلار مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنىڭ بىر قانچە مۇھىم نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش»قا ئالاقىدار19 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىدە، خىزمەتتە تۇرۇپ دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش، بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات خادىملىرىدىن باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەكتەپ بويىچە دوكتور ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى % 10 تىن تۆۋەن ساندا كونترول قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر