باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى سېتىۋالغانلارنىڭ بىردەك جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2015.06.25 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(9) دا«بالىلارنى ئالداپ سېتىش» ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. جىنايى ئىشلا قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى(9) نىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 24- ئىيۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئالداپ سېتىلغان بالىلارنى سېتىۋالغانلار، سېتىۋالغان بالىلارنىڭ خارلىنىشىنى توسىمىغان، قۇتقۇزمىغانلارنىڭ «جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ماددا «يىنىك جازا بېرىلىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئالداپ سېتىلغان بالىلارنى سېتىۋالغانلارنىڭ بىردەك جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن شىلياڭ مۇنداق قارىدى: سېتىۋالىدىغان بازار بولغاچقا، بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش ئۈنۈملۈك بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. بۇ ماددىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى قوللايمەن. بالا سېتىۋالىدىغانلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بالا سېتىۋىلىشقا نىسبەتەن كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇزاقتىن قارىغاندا سېتىۋالىدىغانلار ئازايسىلا، بالىلارنى ئالداپ سېتىشنى مەنبەدىن ئازايتقىلى بولىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ « نەزەر» ئىستۇنىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشىغا نىسبەتەن بۇ قېتىملىق قاراپ چىقىش ئارگىنالىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك قاتتىق جازا بېرىلىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر