- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمى تۆت نۇقتىدىن شەرھىلەندى
2015.06.25 16:03 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24- ئىيۇن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى قاراپ چىقىلدى. لايىھەدە مۇنداق بەلگىلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى سايلىغان ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان، «بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە» ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى رەسىمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قەسەم بەرگەنلەر بىرلىككە كەلگەن قەسەم سۆزىنى ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە
پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خەن شياۋۋۇ 24- ئىيۇن يىغىندا لايىھەنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا رەسىمىي بەلگىلەنلىكى ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايەن قىلىش، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا مەدەت بېرىش ۋە تەربىيەلەش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھەم تولىمۇ زۆرۈر ئىش. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان بىر خىل تۈزۈم. ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە 193 ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەتتتىن 177 دۆلەتتە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بەزى دۆلەتلەردە يەنە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قەسەم بېرىش تۈزۈمى توغرىسىدا ئايرىم قانۇن چىقارغان.
مەنبە خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر