باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكىدىكى 150 مىليارد كۇپ مېتىرلىق تەبىئىي گاز دۆلىتىمىزدىكى 15 ئۆلكە-شەھەرگە نەپ يەتكۈزدى

2015.06.25 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قارا، دىينا قاتارلىق 10 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى نېفىتلىك ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز تارىم جەنۇبىي بۈگۈر ساقلاش- توشۇش پونكىتىغا يىغىلغاندىن كېيىن، سائەتلىك تېزلىكى 2 مىليۇن كۇب مېتىرلىق گاز مىقدارى ئۆلچىمى بىلەن غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 2004-يىلدىن بۇيان، بۇ يەر ئاستىدىكى غايەت زور ئەجدىھا ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش سىستېمىسى ئارقىلىق 150 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازنى تەمىنلىدى.

  تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم جايلارنىڭ بىرى، تەبىئىي گا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2004-يىلىدىكى 351 مىليون كۇب مېتىردىن 2014-يىلىدىكى18 مىليارد 340 مىليون كۇپ مېتىرغا يەتكەن، بولۇپمۇ يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ گاز توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن، توشۇلىدىغان گاز ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %7.6 سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن يەتكۈزۈلۈۋاتقان «كۆك ئالتۇن» تۆۋەنكى ئېقىمدىكى 15 ئۆلكە-شەھەر، 120دىن كۆپرەك چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەر، 3 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا شۇنداقلا 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە مەنپەئەتلىنىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر بىر قېتىم يەتكۈزۈلۈۋاتقان 10 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گازنىڭ ئورنىغا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى دەسسىتىدىغان بولساق 13 مىليون 300 مىڭ توننا كۆمۈر بولۇپ، 200 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە تەڭ بولىدۇ، ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىشنى ئازايتقان زىيانلىق ماددىلار 10 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ.

  «يۈز يىللىق تارىم» بەرپا قىلىش ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى بويىچە، 2020-يىلىغىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق تارىم نېفىتلىكىنىڭ گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 35 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، تەبىئىي گازنىڭ سۈپىتى تېزلىكتە 36 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر