خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 25-ئىيۇن، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللي مۇسابىقىسى 602كىلومېتىرلىق ئالاھىدە ئۇزۇن مۇسابىقە بۆلىكىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇسابىقە بۆلىكى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى دالا راللي مۇسابىقىسىدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن مۇسابىقە بۆلەك بولۇپ، ھەرخىل يەر شەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللىي مۇسابىقىسىدىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن، يەر شەكلى ئەڭ مۇرەككەپ، مۇسابىقە بۆلىكى بولۇپ قالدى. ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىنى تاماملاشقا بېرىلگەن ۋاقتىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە 10يېرىم سائەتكە يەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى