باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«مەڭگۈلۈك دولان» بېيجىڭدا

2015.06.25 19:39   مەنبە: خەلق تورى

«مەڭگۈلۈك دولان» بېيجىڭدا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى (ئالىم) چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى «مەڭگۈلۈك دولان» 23-، 24-ئىيۇن كەچتە بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى، مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن 90گە يېقىن سەنئەتكار مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىغا كېلىپ، قەدىمىي ھەم سىرلىق دولان مەدەنىيىتىنى پايتەختتىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلىرىغا سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا بۇ گۈزەل قەدىمىيلىكنى بايان قىلدى.






  ئۆركەشلىگەن زەرەپشان دەرياسى قاراقۇرۇم تاغلىرى باغرىدىن ئېقىپ چىقىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق __ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بوستانلىقلارنى ياشارتماقتا. مەكىت ناھىيەسى بۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «دولانلىقلار» ياشىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن «دولان مۇقامى»، «دولان مەشرىپى» ۋە «دولان دېھقانلار رەسىملىرى» ۋەكىللىكىدىكى «دولان مەدەنىيىتى»نى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە «دولان مەشرىپى» ۋە «دولان مۇقامى» دۇنياۋى ۋە جۇڭگو بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى. دولان مەدەنىيىتى مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان «دولانلىقلار»نىڭ ئۆزگىچە ئىپتىدائىي بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنىڭ مەركەزلىك ناماياندىسى بولۇپ، دولانلىقلارنىڭ مەردانە، جەسۇر، قەيسەر خارەكتېرى ۋە ئىشەنچكە تولغان ئۈمىدۋارلىق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

  مەكىت ناھىيەلىك دولان سەنئەت ئۆمىكى 1979-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپ يىلدىن بېرى ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان «دولان مەشرىپى»، «دولان مۇقامى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇنلاشنى بۇ ئۆمەكنىڭ ئاساسىي نىشانى قىلغان. ئۆمەك قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپ قېتىم دۆلىتىمىزدىكى ھەرخىل مۇھىم پائالىيەتلەردە نومۇر ئورۇنلىغان ھەمدە ئۇيغۇر ئىلغار ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارغا بېرىپ ئويۇن قويۇل، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا، دولان سەنئەت ئۆمىكى يەنە ئەلئىچىدىكى دولان مەدەنىيىتى ۋارىسلىرىدىن دولان مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇن ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئۆگەندى.

  بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت تىرىشىپ تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، مەكىت دولان سەنئەت ئۆمىكىدىكى كىچىكى بەش ياش، يۇقىرىسى 70نەچچە ياشلىق سەنئەتكارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ناخشا ئۇسسۇل ئورۇنلاش سەۋىيەسى ۋە كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن سەھنە ۋە چىراغلىرى بىلەن ھەقىقىي دولان مەدەنىيەت سەنئىتىنى پايتەختتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تەقدىم قىلدى. مەردانە ھەم جۇشقۇن «دولان بۈركۈتى» قاتارلىق نومۇرلار نەقمەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قېنىنى قىزىتسا، «دولان توغراقلىرى»، «دولان بۆشۈكى» قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرگەن تاماشىبىنلار كۆز ياشلىرىنىڭ قانداق ئېقىپ چىققانلىقىنى بىلمەي قېلىشتى. مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخانغا بېغىشلانغان «مەڭگۈلۈك دولان» ناملىق نومۇر كۆپچىلىكنى تەكلىماكان قىرغاقلىرىدىكى ئاماننىساخان يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئويۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك نومۇرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەم ياردىمىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق نومۇرلار ئۆتكەن يىلى باھاردىن باشلاپ پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مەكىت ناھىيەسىدە تۇنجى قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…