باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم–كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر تارقاتتى

2015.06.26 20:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يېتەكچى پىكىر›› تارقىتىپ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دەپ ئېلىندى)، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  ‹‹پىكىر››دە، باسقۇچلار بويىچە يولغا قويۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2020 – يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى روشەن كېڭەيتىلىدۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ بازىسى، غەربىي شىمال رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە غەربكە ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلارنى يىغىش – تارقىتىش مەركىزى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە، تۆۋەندىكى سەككىز جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، كەسىپ تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى، شىخەنزە، كورلا ۋە ئارال ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كىيىم – كېچەك، ئىلمە توقۇمىچىلىق، گىلەمچىلىك كەسىپ رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. ئىككىنچى، كەسىپلەر تەرەققىياتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، كىيىم – كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى، ئىلمە توقۇلما كەسىپلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، توقۇش، گۈل بېسىش ۋە بوياش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ھالقىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سۈنئىي تالا كەسپى، كاپرولاكتام قاتارلىق بىرىكمە نېفىت خىمىيە ماتېرىياللىرى ۋە تالا كەسپى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلاردىكى كەسىپلەر ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىنىدۇ. تاموژنىدىكى ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايوننىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلاردىكى داڭلىق كارخانىلار، باشلامچى كارخانىلار شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، ئالاھىدە كەسىپ ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پائال يېتىشتۈرۈلىدۇ. مىللىيچە كىيىم – كېچەك، مۇسۇلمانچە كىيىم – كېچەك، قولدا توقۇلغان گىلەم، كەشتىچىلىك قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەر زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. بەشىنچى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازارلار زور كۈچ بىلەن ئېچىلىدۇ. يەرلىك ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكە، قوشنا دۆلەتلەردە كىيىم – كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى زور كۈچ بىلەن ئېچىلىدۇ، بازارنى ئىگىلەش نىسبىتى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، خەلقئارا بازارلار پەيدىنپەي كېڭەيتىلىدۇ. ئالتىنچى، رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشلۈك تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇپ، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. يەتتىنچى، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىشىغا، تۈرلۈك ماتېرىيال ۋە پارچە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بازارلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە بايلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىقلار ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. سەككىزىنچى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە، مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردىن ئالتە تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى تەرەققىيات سېلىنمىسى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشمىقى تەس بولغانلارنى قوبۇل قىلىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىنى ۋە خىزمەتكە چىقىشتىن ئىلگىرىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تېخنىكىلىق تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىرىلىدىغان پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى توشۇش ھەققى تولۇقلىمىسىنى بېرىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ ھەم كىيىم – كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ. شىنجاڭدا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزى تەسىس قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، سانائەت رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مۇھىتى ياخشىلىنىدۇ، كارخانىلارنىڭ توك، گاز ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ، مەخسۇس مەبلەغ ئارقىلىق ئۆلچەملىك سېخ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. بەشىنچى، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ كىرېدىت كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ شۆبە ئورگان قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ، شىنجاڭدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل تەستىقلاش ھوقۇقى مۇۋاپىق كېڭەيتىلىدۇ. ئالتىنچى، يەرلىكنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سۇ، توك، پار بىلەن تەمىنلەش ۋە يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۆز فۇنكسىيەسى بويىچە يۈرۈشلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر