باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئاساسىي قانۇن قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى

2015.06.26 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15- قېتىملىق يىغىنى 25- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قىسمەن رايونلاردا جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقتى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىشتا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ تۈپ نىزامى، ئالىي قانۇنىى ئورۇنغا، قانۇنىي نوپۇسقا، قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە. دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قانۇن ئېڭى تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى، روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى رەسىمىي يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە تەربىيە بېرىدۇ، بۇ چوڭقۇر ئەھىمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر