شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئىيۇن چاۋشيەن پيوڭياڭدا نەچچە مىڭلىغان كىشى كىم ئېرسېن تەنتەربىيە مەيدانىدا زور كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى يەنى ‹‹ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كۈنى››نى خاتىرىلىدى. 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چاۋشيەن ئۇرۇشى پارتلىغان. چاۋشيەن بۇ كۈننى ‹‹ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتكەن.