باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى چەرچەن ناھىيەسى 315-دۆلەت تاش يولىنىڭ تۇتاش ۋە تۈز لىنىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىگە 37مىليۇن420مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى

2015.06.26 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى؛ چەرچەن ناھىيەسى2015-يىلى 315-دۆلەت تاش يولىنىڭ تۇتاش ۋە تۈز لىنىيەسى قۇرلۇش تۈرىگە 37مىليۇن420مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ بۇ قۇرۇلۇش تۈرى بۇ يىل 10-ئايدا تاماملىنىپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 9تارماق يېزا تاش يولى شەھەر يۇلىغا تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. ئىگىلىنىشچە، ھازىر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ شەھەر يۇلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15كىلومېتر بولۇپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 9ناھىيە بازىرىغا تۇتاشتۇرىلىدىغان يېزا كەنت تاشيولى پۈتۈن ناھىيەنىڭ تاشيول ترانسىپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. بۇ تاش يول تۈرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 40كىلومېتىر، ئاساسلىق يۈرۈش يولىنىڭ كەڭلىكى 12مېتىردىن 14مېتىرغىچە، ناھىيەنىڭ قاتناش شارائىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىقتىدارى تولۇق قاتناش ترانسىپورت قۇلاي بولغان يول تورىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ قۇرلۇش تۈرى ناھىيە بازىرى يوللىرىنىڭ يۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سىغىمىنى كىڭەيتىپلا قالماستىن، يول چىراقلىرى قاتناش بەلگە تاختىلىرى ۋە كۆرسەتمە سىزىقلىرى كۆكەرتىش قۇرلۇشى قاتارلىق تۈر قۇرلۇش دائىرىسىدىكى قاتناش ئومۇمىي مۇھىتىنى ياخشىلاپ ناھىيەنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر