باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمى 29- ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.06.26 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش دائىملىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:«ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى كېلىشىمنامىسى»نى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر 29- ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش مۇددىئاسى بار دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇ مەزگىلدە ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئالاھىدە مالىيە مىنىستىرلىقى يىغىنىغا يازما تەبرىك سۆزى ئەۋەتىدىكەن.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى يۈەنچاۋ تەكلىپكە بىنائەن 27- ئىيۇن 4- نۆۋەتلىك دۇنيا تىنچلىق مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم سۆز قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق مۇنبەر 27- ئىيۇندىن 28- ئىيۇنغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «جاپا مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش: چۈشىنىش، كېڭىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش» بولۇپ، ئاساسلىق قارالمىلىرى: چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى، ياۋروپا بىلەن خەلقئارانىڭ خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر نەچچە دۆلەتنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، تونۇلغان ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 500 كىشى مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر