24-ئىيۇن بىر كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋە تەرتىپكە سېلىشتىن كېيىن ماھىرلار يەنە يېڭى كەيپىيات بىلەن مۇسابىقە يولىغا چىقتى، ئالدىنقى ئىككى مۇسابىقە بۆلىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3-مۇسابىقە بۆلىكىدە ھېچقانداق يېشىللىق، سۇ يوق ئىدى، ئاندا-ساندا شامال ۋە يامغۇرمۇ يوق ئىدى، 200 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇملۇق ئىدى، كېيىنكى يېرىمى چۆللۈك ۋە دەريا قىنى ئىدى، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈندىكى تېمپېراتورا 40 گىرادوس بولغان. ئەمما دەرىجىدىن تاشقىرى موتوسىكلىت ماھىرى جۇ يىماۋ شۇ كۈندىكى تېمپېراتورىنى 45 گىرادوسقا چىققاندەك ھېس قىلدى، ئۇنداقتا ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىغان مۇسابىقە ماشىنىلىرىدا ماھىرلار قانداقمۇ قىلار؟