باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى 19- نۆۋەتلىك سانكىت پېتربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى

2015.06.23 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 19- ئىيۇن 19- نۆۋەتلىك سانكىت- پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن سانكىت- پېتىربورگدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 19- ئىيۇن 19- نۆۋەتلىك سانكىت- پېتىربورگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىغا قاتناشتى ھەم «ئوچۇق ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىي چوڭقۇر تەڭشەش ئىچىدە تۇرۋاتىدۇ، ئەسلىگە كېلىش جەريانىنىڭ مۈشكۈل، مۇرەككەپلىكى، مۇقىمسىزلىقى، تۇراقسىزلىقى، تەڭپۇڭسىزلىقى ھېلىھەم مەۋجۇت، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تىرىشىش نىشانى. ئوچۇق ھەمكارلىق، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو ئىقتىساد سىياسىتى ئالاقىسى ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قۇرۇقچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىشىش تەشەببۇسى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدىلىنىش پىرىنىسپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەت پائال قاتنىشىپ، كاتتا ئىشنى ئورتاق ۋۇجۇد چىقىرىشىنى قارشى ئالىمىز. قۇرۇلما ئىسلاھاتى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بازار كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشۇرىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باراۋەر، ئادىل، سىغدۇرۇشچان، تەرتىپلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو ب د ت ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشتە ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىقى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. جۇڭگو 2016- يىللىق G20 باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىغىننىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر