باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى زەھەر چەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېلان قىلدى

2015.06.25 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى تەييارلىغان «2014- يىللىق جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» بۈگۈن رەسىمىي ئېلان قىلىندى. دوكلاتقا قارىغاندا، 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان زەھەر چەككۈچىلەردىن 49 مىڭ كىشى ئۆلگەن. مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى زەھەر چېكىشتىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىليارد يۈەنگە يىتىدىكەن.

  «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم جامائەتچلىككە ئېلان قىلغان زەھەر چەكلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى زەھەر چەكلەش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنغان، بۇ دوكلات دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو زەھەر چەكلەش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىشىگە پايدىلىق.

  دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ يۆجىن: دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى جەھەتتىكى ئىرادىسى ۋە مەسئۇلىيىتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى فاڭجېنى ۋە تەسەۋۋۇرىنى نامايەن قىلىشقا پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر