باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياپونىيە، روسىيەگە ۋىزا بىجىرىش قولايلاشتى

2015.06.26 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 23-ئىيۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن كېيىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى (شەخسىي ئىش بىلەن بىجىرىلگەن پاسپورت) بار شىنجاڭ نوپۇسىدىكىلەر شەخسىي ئىش بىلەن ياپونىيە، روسىيەگە تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، سودا (ساياھەتتىن باشقا) قاتارلىق ئىشلارغا ۋىزا بىجىرمەكچى بولسا بېيجىڭغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاپتونوم رايونلۇق تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىگە ھاۋالە قىلىپ بىجىرسە بولىدىكەن.

  كونكېرت ئىشلارنى شىنجاڭ تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسى تورى (http://wqb.xinjiang.gov.cn)، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا تورى (www.cn.emb-japan.go.jp)، روسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا تورى (www.russia.org.cn/chn) غا چىقىپ تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شەخسىي ئىش بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش ۋىزىسىنى ۋاكالىتەن بىجىرىش ئىشلىرى ئەھۋالغا قاراپ داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر