- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
غەيرەت سىزگە ئادىلە
2015.06.26 09:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيە بۈگۈر بازىرى دىخانلا كەنت ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىلە ئىمىن بىر ئاي ئىلگىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت مۇسابىقىسى تېلېۋىزىيەدە باھالاش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن ، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت – سەنئەت مۇسابىقىسى تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرسىتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئىدى . ئەمما ، ئۇنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن بۈگۈردە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم يېقىندا ئۇنىڭغا ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 7400 يۈەن ئىئانە قىلدى . ئادىلە بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈرلىرىگە شەرەپ كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر