- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەيخ ئەخمەد: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.06.26 10:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەد 24-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەمەن ھازىر ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە، قەھەتچىلىككە ئازلا قالدى، مەن ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق كېڭىشىشى ۋە سۆھبەتلىشىشىنى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن. شېيىخ ئەخمەد شۇ كۈنى ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېڭىشىش ئەھۋالىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئۇقتۇردى. يىغىندىن كېيىن ئۇ تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: تېزدىن كېڭىشىپ ھەل قىلىنمىغان ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىش كېرەك، لېكىن ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولماقتا، مۇشۇ ئاساستا يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر يەنىمۇ كېڭىشىپ، ئەڭ ئاخىردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىپ، قوراللىق قىسىملارنى شەھەرلەردىن چېكىندۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر