- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نېپال زۇڭتۇڭى بىلەن زۇڭلىسى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى
2015.06.26 10:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نېپال زۇڭتۇڭى ياداف بىلەن زۇڭلىسى كېيىرالا تۈنۈگۈن كاتماندودا دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
ياداف بىلەن كېيىرالا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نېپال مۈشكۈلاتقا ئۇچرىغاندا ۋە جىددىي پەيتتە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنى نېپالنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتىدىن قۇرۇش خەلقئارالىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، نېپالغا ئالاھىدە ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك دوستى، يېقىن قوشنىسى، ئىشىنىشكە تىگىشلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. باشقا كۈن چۈشكەندە ھەقىقىي دوستنى بىلگىلى بولىدۇ، نېپال جۇڭگونىڭ نېپالنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. نېپال شىزاڭنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلىرىنىڭ ئۆلۈم يىتىم ۋە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھال سورىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر