- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى، جەمئىي بىلەت سانى 46 مىڭ
2015.06.26 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ئىيۇن، تۆتىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلىتىنى سېتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، 46 مىڭ تال تۈرلۈك كىرىش بىلىتىمۇ 24-ئىيۇندىن باشلاپ جەمئىيەتكە سېتىلىشقا باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ بېلەت باھاسى ئويۇن تېزىملىك ئۆلچىمى بويىچە ئىككى دەرىجىگە، ئا، ب، س ئۈچ تۈرە بۆلىنىدىغان بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىنىڭ بىلەت باھاسى ئا بېلەت 260 يۈەن، ب بىلەت 200 يۈەن؛ ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئا بېلەتنىڭ باھاسى 120 يۈەن، ب بىلەت 100 يۈەن، س بىلەت 80 يۇەن ئىكەن. (ھەبىبىە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر