باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

6-قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يۇقىرى قاتلاملىقلار كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.26 10:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-قېتىملىق جۇڭگو-ئامېرىكا يۇقىرى قاتلاملىقلار كېڭىشىشى 24-ئىيۇن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ليۇ يەندوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق كېڭىشىشتە ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ يېڭىش باش تېمىسىدا مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، ئاياللار، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردە 119 تۈرلۈك نەتىجىگە ئېرىشتى. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى تېخىمۇ قوللىغىنى بولىدۇ. ئامېرىكا دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى كەڭ، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ئاساسىدا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئومۇمىي يىغىندىن بۇرۇن ليۇ يەندوڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي كىچىك دائىرىدە سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر