باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت يېڭى ھەربىي تەدبىر قوللىنىپ دۇنيا بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ

2015.06.26 10:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرىگ تۈنۈگۈن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىر يۈرۈش ھەربىي تەدبىر قوللىنىپ، خىرىسقا تولغان بىخەتەرلىك مۇھىتىغا تاقابىل تۇرىدۇ دېدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلدى. سىتولتېنبېرىگ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىدىن تەركىب تاپقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرىنى 13 مىڭدىن 40 مىڭغا كۆپەيتىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىياسىي ۋە ھەربىي تەدبىرىنى تېزلىتىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەت ھەمدە بۇلغارىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيەگە ئالتە قوماندانلىق كونترول مەركىزى تەسىس قىلىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېڭىدىن بىر بىرلەشمە ئارقا سەپ تەمىناتى ئىشتابى تەسىس قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر