باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(8)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2) ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش − خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ھەممەيلەنگە تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق ئىشتىراك قىلىدىغان كېڭىشىش- ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش لازىم. ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش يولى بىلەن بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەش لازىم. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك ھەققىنى تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاھالىنىڭ ئەمگەك كىرىمى ۋە مال- مۈلۈك كىرىمى يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەقسىملەش- تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  (3) ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تورنى پۇختىلاش، مېخانىزم بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر- يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ چىقىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملىنىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر- يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئەر- ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار- بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش- ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش. نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش − پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر- ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.

  (5) ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. خەلقنىڭ ساغلاملىقى − مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش- ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ۋە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، دورا تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لازىم. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى يېمەكلىكتىن خاتىرجەم قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبابەتچىلىكىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىك- دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللاش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ياندىشىشى- جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  (6) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى يارىتىش. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما ئىشتىراك قىلىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھاياتنى ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە- كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «سېرىق، قىمار، زەھەر»، مۇشتۇمزورلۇق، ئالداپ كېتىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئادەملىك ھوقۇقىنى قوغداش لازىم. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غۇرۇرىنى ساقلايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، مۇلايىم ئىش قىلىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنىڭ بىر- بىرىگە ئوبدان تۈرتكە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  (7) دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى − ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يولداشلار! پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىش شەرت. بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.

  9. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم

  ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت − ھاياتلىق بىرلەشمىسى، ئىنسانلار تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى شەرت. ئىنسانلار تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغاندىلا، تەبىئەتنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئەگرى يولغا كىرىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە زىيان سالغانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە زىيان سالغانلىقىدۇر، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان قانۇنىيەت ئەنە شۇ.

  بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى − ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن قاندۇرۇش لازىم. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ماسلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت.

  (1) يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسراش كەسىپلەرنى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زورايتىش لازىم. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ماددىي سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بىلەن تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ ئايلانما جىپسىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاددىي- مۇۋاپىق، يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش، ھەشەمەتچىلىك- ئىسراپچىلىققا ۋە نامۇۋاپىق ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادچىل ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش ۋە يېشىل سەپەر قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  (2) گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش. ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش لازىم. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋادى مۇھىتى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئوڭشاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە ئەخلەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، بۇلغىما چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش، ئۇچۇرنى مەجبۇرىي ئاشكارىلاش، قاتتىق جازالاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئامما ئورتاق ئىشتىراك قىلىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەرشارى مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر