باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(5)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن 20- قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغاندا، 2020- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە بولغان بىرىنچى باسقۇچتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن- تېخنىكا كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلىشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ؛ زامانىۋى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ.

  2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككىنچى باسقۇچتا، زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى جەھەتتە باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ.

  يولداشلار! ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئاساستا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز ئىگىلمەس- سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئاچايلى!

  5. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت.

  دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش − ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىقلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تېز بەرپا قىلىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكت جانلىق، ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش چەكلىك بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش شەرت.

  (1) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش لازىم. ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئاقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ھال- يۇقىرى ئىستېمال، ئىجادىيەت يېتەكلىمىسى، يېشىل- تۆۋەن كاربون، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد، زامانىۋى تەمىنات زەنجىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى قۇۋۋەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ئۆلچەمنى نىشانلاپ سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش لازىم. دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ھال ۋە يۇقىرى دەرىجىسىگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى توپىدىن بىرنەچچىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇچىلىق، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا، ئېلېكتىر تورى، ئۇچۇر، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما بايلىق تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، سۈپەتلىك كۆپەيمە تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىچى روھىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش- ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىجادچان ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ، نەمۇنىچىلىك روھى ۋە ھۈنەرۋەنلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكنى شەرەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسپىي ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  (2) ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش. يېڭىلىق يارىتىش − تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆزلەنمە ئۇل تەتقىقاتتا، باشلامچى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش لازىم. ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى كەڭ يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋە تېخنىكىدا ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو ۋە ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچىنى زورايتىش لازىم. پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا سۇبيېكت، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يارىتىلىشى، قوغدىلىشى، تەتبىقلىنىشىنى كۈچەيتىش لازىم. خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن- تېخنىكا باشلامچىلىرى، ياش پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  (3) يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى − دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان تۈپ مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن- ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر- يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش لازىم. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆددە يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇق»ىنى ئايرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش لازىم. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش لازىم. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. يېزىلاردىكى 1- ، 2- ، 3- كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەتكار بولۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاپتونومىيە، قانۇنچىللىق، ئەخلاقچىللىق بىرلەشتۈرۈلگەن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم.

  (4) رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېزلىتىپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايوننىڭ ئالدىن سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەرلەر توپىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر- بازارلار تەڭكەش تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر- بازار ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېي ماسلاشما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى تەڭ تۇتۇشنى، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقنى يۆنىلىش قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم. چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز- ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم.

  (5) سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل- تەرتىپلىك بولىدىغان، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر خىل دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىگە ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلكى قىممىتىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ كۈچىيىشى، زورىيىشى ۋە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇلنى ئېنىقلاپ ۋە بىكار قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي مونوپولنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار مونوپولىدىن ساقلىنىپ، ئامىل باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ئىجازىتى چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە، پۇل، كەسىپ، رايون قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، مەركەز بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭلاشقان مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئۆلچىمى ئىلمىي، چەكلىمىسى كۈچلۈك بولغان خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۈنۈم باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لازىم. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىيات سىياسىتىدىن ئىبارەت قوش تۈۋرۈكلۈك تەڭشەش- تىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر