باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(7)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (6) ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. بىرلىك سەپ − پارتىيە ئىشلىرىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىك تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى ساننى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر- بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق ۋە بار- يوقنى تەڭ كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا خاس ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەگە قويۇلىدىغان تەلەپ بويىچە فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاش لازىم. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېقىنلىق- پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىر ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن كەڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئالاقىلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.

  يولداشلار! جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. بىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو پاراسىتى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتا تولۇق ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز!

  7. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مەدەنىيەت − دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا يارىتىلغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ رېئاللىقىنى ئاساس قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مىللىي، ئىلمىي، ئاممىۋى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بىلەن ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس- بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلىنىشتا، ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم.

  (1) ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش. ئىدېئولوگىيە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە راۋاجلىنىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشى، ئاممىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى غايە- ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتلەردە زىچ ئۇيۇشتۇرۇش شەرت. نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ماركسىزم نەزەرىيەسىگە دائىر تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە يېڭى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇ ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاخبارات- جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساپ تور مۇھىتى يارىتىش لازىم. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشى ۋە بازا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىلىرىنى، ئىلىم نۇقتىئىنەزەرى مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  (2) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى − زامانىمىزدىكى جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇنىڭدا پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ خەلقنى تەربىيەلەش، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەش، تارقىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. پۈتكۈل خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئىشنى ئائىلىدىن باشلاش، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە- قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق مىزانىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنى دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەبەدىي جەلپكارلىقى ۋە دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىش لازىم.

  (3) ئىدىيە- ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدىكى تەشۋىقات- تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي پەزىلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىشىلەرنى ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، چوڭلارغا ۋاپادار- تۇغقانلىرىغا مېھرىبان بولۇشقا، ۋەتەنگە ۋە خەلققە سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆرپ- ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىك، قالاق مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىنى توسۇش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، قائىدە ئېڭى، تۆھپىكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم.

  (4) سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەت − خەلقنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش داۋامىدا دەۋرگە مۇناسىپ ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش شەرت. ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۈكسەك، ئىشلىنىشى نەپىس بولۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رېئال تېمىدا ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. ئىلىم دېموكراتىيەسى ۋە سەنئەت دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. سۈپەت، ئۇسلۇبقا، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېتىقسىزلىق، رەزىللىك، چاكىنىلىقنى توسۇش كېرەك. ئەدەبىيات- سەنئەت قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقتىمۇ، سەنئەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم مەشھۇر ئەرباب- ئۇستازلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.

  (5) مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىش شەرت. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش لازىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوبدان تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس قىلىش، باشقىلارنىڭكىنىمۇ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش لازىم. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، جۇڭگونى ئەمەلىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  يولداشلار! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، ھەم جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئاكتىپ يېتەكلىگۈچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ھەم جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سادىقلىق بىلەن داۋاملاشتۇرغۇچى ۋە جارى قىلدۇرغۇچى بولۇپ كەلدى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چوقۇم يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ۋە ئالالايدۇ!

  8. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم

  پۈتۈن پارتىيە كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاش ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت. خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش − پارتىيەمىز باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن كۈرەش نىشانى. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن- ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش شەرت.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم. ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممەيلەن بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ، جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوبدان ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  (1) مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش شەرت. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم. كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئالىي مائارىپتا ئوقۇيدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر