باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(4)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگونى سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشلا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل، ئىلمىي بولغان، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت.

  (4) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات − دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى شەرت. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىپ، مەدەتكار بولۇپ ۋە يول كۆرسىتىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىدە زامانىۋىلىشىشنىڭ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش شەرت.

  (5) خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيەسى تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  (6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق مەلۇماتى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرت.

  (7) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچى − بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان كۈچ. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىنى ئۇنتۇماي، چەت ئەلنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، خەلقنى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىش شەرت.

  (8) تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش − تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق- ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار- يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈش شەرت. ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (9) ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ تەدبىر. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاتلاشقان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش شەرت.

  (10) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ- خەتەرنى ئويلاش − پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بىر پىرىنسىپى. دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى تۈپ ئاساس قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك بىلەن ئىچكى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت.

  (11) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش − «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا دائىر بىر قاتار تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشنى كۆزلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىشقا، سىستېما قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشقا، تۈجۈپىلىك- ئۈنۈملۈك ئىش كۆرۈشكە، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرىكتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

  (12) «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇشتا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا، «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شەرت.

  (13) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۇقىم خەلقئارا تەرتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىدا پەرقنى ساقلايدىغان، كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، دۇنيا تەرتىپىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش شەرت.

  (14) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئۆزى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى. پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە ئارقىلىق قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۈز- خاتىر قىلماي جازالاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش شەرت.

  يۇقىرىقى 14 نۇقتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغان. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى شەرت.

  ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز نەزەرىيەدە دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىپ، قانۇنىيەتنى ئۈزلۈكسىز تونۇپ يېتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنىڭدەك باشقا تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز شەرت.

  يولداشلار! دەۋر − ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت − نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. بىز دەۋرنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا، خاتالىقنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلساقلا، 21- ئەسىردە جۇڭگو ماركسىزمى جەزمەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ!

  4. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش لازىم

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيەمىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئۈچ قەدەملىك» ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقنىڭ كىيىش- تويۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى نىشان مۇددەتتىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشتى. مۇشۇ ئاساستا، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىقتىساد تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، پەن- مائارىپ تېخىمۇ يۈكسەلگەن، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولغان، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلاشقان ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئاندىن يەنە 30 يىل كۈرەش قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھازىردىن 2020- يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. پارتىيەنىڭ 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەلەپلەر بويىچە، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر