باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(2)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر − ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش − چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ ۋە سىناققا، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادە ۋە خىسلەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر خەۋپنى تۈگەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتى تېخىمۇ يېڭىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى- بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز شەرتكى، خىزمىتىمىزدە يەنە بىرمۇنچە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇلار ئاساسلىقى: تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىققا دائىر بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخى يۇقىرى ئەمەس، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئەمەلىي ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخى بىرمۇنچە كەمتۈكلۈك بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، شەھەر- يېزىنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتى جەھەتتىكى پەرقى ھېلىھەم بىر قەدەر زور، ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش، بىلىم ئېلىش، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتتە بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئېغىر، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ھېلىھەم مۇرەككەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى يېڭى ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؛ بەزى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە زور سىياسەت- تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە تېخى بىرمۇنچە ئاجىز ھالقا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش شەرت.

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغا، شۇنىڭدەك كەڭ مۇھاجىر قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  يولداشلار! ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن- تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە يېپيېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ يېڭى دەۋر − ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سېلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن- كۈنگە يېقىنلىشىدىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ كىيىش- تويۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇزاققا قالماي ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن- كۈنگە كېڭىيىشى ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇشقىلا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ قالماي، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردە قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىرمۇنچە جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چەكلەيدىغان ئاساسىي ئامىلغا ئايلاندى.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بىرمۇنچە يېڭى تەلەپ قويدى. بىز تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ئوبدان ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئوبدان تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگەرگىنى بىلەن، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىز ئۆزگەرگىنى يوق. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە خاس خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. پۈتۈن پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئەمەلىيەتنى مەھكەم ئاساس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت ھاياتلىق يولى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادەت يولىدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۈرەش قىلىشى لازىم.

  يولداشلار! جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى!

  2. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى

  100 يىلنىڭ ئالدىدا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم- لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلگەنىدى. جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر ماركسىزم- لېنىنىزمنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىدىن جۇڭگودىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرگەنىدى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى كەسكىن ھەرىكەتلەردە، جۇڭگو خەلقى فېئودال ھۆكۈمرانلىققا ۋە چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلەردە، ماركسىزم- لېنىنىزمنى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا، 1921- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى بەخت- سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلەردە تايانچقا ئىگە بولدى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى.

  5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە ئاجايىپ تۆھپە قوشۇپ، دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت بولۇپ قالدى. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك قاپلىغان زۇلمەت ئىچىدە قالدى، جۇڭگو خەلقى يېغىلىق بېسىقمايدىغان، ھەممە جاينى ۋەيرانچىلىق قاپلىغان، كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغان ئېغىر ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردى. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، سانسىزلىغان زەكىي زاتلار ئېگىلمەي- پۈكۈلمەي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىلمۇخىل سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كونا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تارىخىي بۇرچنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى ياراتتى.

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقىنى بېسىپ تۇرغان جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ، 28 يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، 1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە بۇرۇلىدىغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۈزلۈكسىز زاۋالغا يۈز تۇتۇش تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىزچىل گۈللىنىش ۋە بېيىپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر