باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(9)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (3) ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە كارىدورى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش سىزىقى، شەھەر- بازارنى ئېچىش پاسىل سىزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئورماننى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش- شۈدىگەرلەش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىمكانىيىتى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  (4) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇم ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، شەھەر- يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش لازىم. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش- قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت جاي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇش ۋە جازاغا تارتىش لازىم.

  يولداشلار! ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى − ھازىر ئەجىر قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىش. بىز سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك!

  10. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

  دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋر تەلىپى ئالدىدا، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش شەرت.

  دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنى كۆپرەك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەربىي نەزەرىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ئارمىيە تەشكىلىي شەكلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ھەربىي خادىملارنىڭ زامانىۋىلىشىشى، قورال- جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2035- يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.

  ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش» تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر شان- شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە خاس روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېرلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش تۈزۈمى، مۈلكىي خادىملار تۈزۈمى قاتارلىق زور سىياسەت- تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پەن- تېخنىكا − يادرولۇق جەڭگىۋار كۈچ دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، زور تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بارلىق خىزمەتتە جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان بولۇشنى نىشانلاش شەرت. ھەرقايسى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسى ۋە يېڭى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەت كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش بويىچە ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي كۈچنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنىڭ ئاقىللىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، پۈتۈن دائىرىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ھالەت شەكىللەندۈرۈش، خەۋپنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن لايىھەلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن- تېخنىكا سانائىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېزلىتىپ، ئارمىيە- خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش- كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش لازىم. قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇش كېرەك.

  يولداشلار! بىزنىڭ ئارمىيەمىز − خەلقنىڭ ئارمىيەسى، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز − ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى. بىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز لازىم.

  11. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» − تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈمى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، تەلەپچانلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئىچكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىنى قوللاپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن ھەمكارلىقى، پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى رايونلاردا راۋاج تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  بىز ۋەتەنپەرۋەرلەر گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە تەڭ ئالىدىغان، ۋەتەن گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان ئۇلۇغ شان- شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. «تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈمنى يولغا قويۇش» فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت.

  بىر جۇڭگو پىرىنسىپى − ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92- يىل ئورتاق تونۇشى» − ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تونۇغاندا، ئىككى قىرغاقتىكىلەر سۆھبەتلىشەلەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە ۋە تەشكىلات چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئالاقىلەشكەندە توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.

  ئىككى قىرغاقتىكىلەر − تەقدىرداش جان- جىگەر قېرىنداشلار، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىز «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئالدىن بەھرىمەن قىلىشنى خالايمىز. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقە- ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە پەيدىنپەي ئىگە قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆڭلىنى يېقىنلاشتۇرىمىز.

  بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز، دۆلەت پارچىلىنىدىغان تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىغا مۇتلەق يول قويمايمىز. دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بىزدە ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك ئىقتىدار بار. بىز ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە مۇتلەق يول قويمايمىز!

  يولداشلار! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلىسىلا، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتالايدۇ!

  12. تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى.

  جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتدارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇپ، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر