باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(6)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (6) ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش. ئېچىۋېتىش ئالغا باستۇرىدۇ، بېكىنىۋېلىش ئارقىدا قالدۇرىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش- ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە سودا ھالىتى ۋە ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىش ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش لازىم. رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ چوڭراق بېرىپ، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن سودا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى تېز يېتىلدۈرۈش لازىم.

  يولداشلار! ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش − سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك!

  6. خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم

  دۆلىتىمىز − ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى- دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى − دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلىتىمىزدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى − خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ياراملىق دېموكراتىيە. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى − جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە يەكۈنلىگەن تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق، سىياسىي تۈزۈمگە مۇئەييەن ئىجتىمائىي، سىياسىي شارائىت ۋە تارىخ- مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ئابستراكت باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشقا، چەت ئەلنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جانلىق- تېتىك، تىنچ- ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  (1) پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكى − خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش − سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدا پارتىيە رەھبىرىي ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە فۇنكسىيە يۈرگۈزۈشى، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلامغا، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، ئىنسانىي ھوقۇققا قارىتىلغان قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كەڭ ھوقۇق- مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرنىڭ بەلگىلىنىشى ئىلمىي، ئىجرا قىلىنىشى قەتئىي، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇشى كېرەك.

  (2) خەلق خوجايىن بولۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى − پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى ۋە تەيىنلەش- قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئومۇميۈزلۈك چىقىدىغان خىزمەت ئورگىنىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلايدىغان ۋاكالەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش لازىم.

  (3) سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش. بامەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش − خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى − پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كېڭىيىش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئارا كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيىدا كېڭىشىش، ھۆكۈمەتتە كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەشتە، خەلق تەشكىلاتلىرىدا، ئاساسىي قاتلامدا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا كېڭىشىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى ۋە ئىشتىراك ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشتا كەڭ، سىجىل ۋە چوڭقۇر ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى − جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە دىققەت- ئېتىبارنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت- فاڭجېنلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، ئەزالار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (4) دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب. قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى، ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش لازىم. قانۇننىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك ئاساستا قانۇن بويىچە چىقىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىش لازىم. ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئەلا بىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭمۇ، شەخسنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، مەنپەئەتنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  (5) ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي ئاساستا تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۈرلۈك ئىشتات بايلىقىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، ئىلمىي- مۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جامائەتچىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنىڭ، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنىڭ ئايرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر