باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(3)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى باشتىن- ئاخىر جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  96 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاجىز ۋاقىتتىمۇ، كۈچلۈك ۋاقىتتىمۇ، ئوڭۇشلۇق شارائىتتىمۇ، ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتتىن يانماي، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۈرمىڭ جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئوڭۇشسىزلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، خاتالىقنى دادىل تۈزىتىپ، بېسىپ ئۆتۈشكە كۆز يەتمەيدىغان قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ياراتتى.

  يولداشلار! بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز.

  ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا- دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. جەمئىيەت زىددىيەتلەر ھەرىكىتى داۋامىدا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بار يەردە كۈرەشمۇ بولىدۇ. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا زور خىرىسقا ۋە خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، زور توسالغۇلارنى تۈگىتىش، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرمۇنچە يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى شەرت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىدىغان، پاسسىپلىق، ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان، زىددىيەتتىن قاچىدىغان ھەرقانداق ئىدىيەمۇ، ھەرقانداق ھەرىكەتمۇ خاتا. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، بۇرمىلايدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ خەلق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، خەلق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر ئېقىمىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئاتلىنىپ، بارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ھەر خىل خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ۋە تەبىئەتتە كۆرۈلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش − پارتىيەمىز ھازىر چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مۇقەررەر قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، باشتىن- ئاخىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى باشتىن- ئاخىر قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى شەرت. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى چىڭىتىپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى تولۇق تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيەنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم − پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ تېمىسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرمىڭ جاپا- مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى − پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا نەزەرىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى − زامانىمىزدىكى جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت − پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن- ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ بىر- بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ، بىر- بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ ۋە بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى − پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى، تۈرلۈك ئىچكى- تاشقى خەۋپ- خەتەر ۋە سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن- ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن- ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

  يولداشلار! بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. بىز خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي تاللاشقا مۇناسىپ ئىش كۆرۈشىمىز، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە قەيسەرانە كۈرىشى ئارقىلىق بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جاسارەت بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك!

  3. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرى

  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشمۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئالدىمىزغا مۇھىم دەۋر تېمىسىنى قويدى، ئۇ بولسىمۇ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم- باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئوبدان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئوبدان راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  پارتىيەمىز مۇشۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجە قازىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان ئاساستا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى دەۋردە جەمئىيتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئىكەنلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى باش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى، بۇ ئىدىيەنى ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  (1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەدە، ھەممە تەرەپتە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سالماقلىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. خەلق − تارىخنى ياراتقۇچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي كۈچ. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر