باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» تارقاتتى

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ

2017.10.30 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە»نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاش، ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما تۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، جۇڭگوچە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا ئېچىلىدىغان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  «لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرى، سەنشى ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باشقا 28 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، ئالاقىدار ئاپپارات، فۇنكسىيە، خادىملارنىڭ تەۋەلىكىنى يۆتكەشنى تاماملاش، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ھوقۇق چېكى ۋە ۋاسىتىسى بېرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى، ئەدلىيە ئورگىنى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

  «لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوملار نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىگە قارىتا باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پارتكوم شۇجىسى گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىنچىكە پىلانلاپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ياخشى ماسلىشىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر