باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى(10)

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

2017.10.30 15:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات − ھېلىھەم دەۋر تېمىسى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئالغا سىلجىۋاتىدۇ، دۆلەتلەر ئۆزئارا ئالاقە قىلىش ۋە تايىنىش كۈندىن- كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىۋاتىدۇ، تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى كۈچ يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، باي- نامراتلىقنىڭ بۆلۈنۈشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇۋاتىدۇ، تېررورچىلىق، تور بىخەتەرلىكى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۇدا يامراپ كېتىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت بىرمۇنچە ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  بىز ياشاۋاتقان دۇنيا − ئۈمىدكە تولغان، خىرىسقىمۇ تولغان دۇنيا. بىز رېئاللىق مۇرەككەپ دەپ ئارزۇيىمىزدىن كەچسەك، ئارزۇ يىراق دەپ ئىزدىنىشتىن كەچسەك بولمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ.

  بىز ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك. تالاش- تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ئىختىلاپنى كېڭىشىپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم. جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش لازىم. مۇھىت سۆيەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەرشارىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي تاپىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنىمۇ ھەرگىز قىلمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىدۇ، دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. جۇڭگو مۇداپىئەلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ. جۇڭگو ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

  جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ راۋاجلىنىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىدۇ، دوستانە، سەمىمىي، مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىغا بىنائەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق- سەمىمىيلىك ئىدىيەسىنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە- ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ئارمىيە، جايلار، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغ ۋە ئەلرايىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى كۈچ قوشىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇب- شىمال تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ چوڭ- كىچىك، كۈچلۈك- ئاجىز، باي- نامرات بولۇشىغا قارىماي، بابباراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى چوڭايتىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشىدۇ.

  يولداشلار! دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تاللىغان يولغا باغلىق. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ!

  13. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىشى، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىم. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇشى شەرت.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش- بولماسلىقىغا باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز قەتئىيلىك بىلەن شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە شۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە- ئېتىقاد- ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

  (1) پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش. سىياسىيغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ئەھمىيەت بېرىش − پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىرقانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرلىكى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش لازىم. دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. سادىق- سەمىمىي، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك ۋە ياخشىچاقلىقنىڭ، مەزھەپچىلىك، مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى، گۇرۇھۋازلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ۋە ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  (2) پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش − پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ شەكسىز ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش لازىم. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇش» تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، مېڭىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  (3) كەسىپلەشكەن ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش. پارتىيەنىڭ كادىرلىرى − پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل- دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئىشقا قويۇش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە مۇنەۋۋەر، قابىل كادىرلارنى سەپلەش كېرەك. كەسپىي ئىقتىدار ۋە كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە تەييارلاپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق جايلاردا تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئارقا- ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش- ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئوبدان ئىشلەش لازىم. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلەش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش- باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەت مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش- تۈزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پۇختا ئىشلەيدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدىغان كادىرلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن مەدەتكار بولۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر