باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتىكى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەش يىللىق ئۆز قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولى

2017.10.23 16:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق باشلاندى.

  2200دىن ئارتۇق پارتىيە ۋەكىلى كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان قىياپەتتە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى يەنىمۇ ياخشىلىغاندىن كېيىنكى يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  ئېگىز چوققىنى بويسۇندۇرۇشتا، ئۆزىدىن ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى يېتەكلەپ، شەخسىيەتسىز كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، بىر مەيدان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، ئۆز ئوبرازىنى يەنىمۇ ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى باشلىدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش... بازغان قاتتىق ئۇرۇلۇپ، ھەر تەرەپكە ئۇچقۇن چاچرىدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەقىقىلەردە ھەيۋەتلىك، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سەھىپىلەر پۈتۈلدى، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى.

  تارىخ ئۆرنەك قىلىنىپ، ئورگانىزم قايتىدىن ساغلاملاشتۇرۇلدى

  9- ئاينىڭ 29- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىغا 20 كۈنمۇ قالمىغانىدى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى سۈن جېڭسەي پارتىيەنىڭ «ئالتە چوڭ ئىنتىزامى»غا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، «پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى».

  «كاتتا قۇرۇلتايدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇلمايدۇ»، «نۆۋەت ئالماشتۇرۇلىدىغان ئاخىرقى يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىدۇ»، «جازا ئەمەلدارغا جاھىز ئەمەس»... غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان جۇڭگونىڭ ئاتالمىش «سىياسىي يوشۇرۇن قائىدە»سى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئالدىدا بىر- بىرلەپ بۇزۇپ تاشلاندى.

  ئاز بىر قىسىم كىشى بوران- چاپقۇننىڭ شەپىسىنى ھېس قىلدى.

  2012- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغىنىغا بىر ئايمۇ بولمىغان سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى چۈنچېڭ 18- قۇرۇلتايدىن كېيىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ «تۇنجى ئوقى»نىڭ ئۆزىگە تېگىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرگەن لى چۈنچېڭ نەچچە يىلدىن كېيىن ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ: مەندە بۇ مەزگىلدە كادىرلار قوشۇنىدا ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دەيدىغان ئىدىيە ئىزچىل مەۋجۇت ئىدى، دېدى.

  ھازىرقى پۇشايمان شۇ ۋاقىتتىكى خىيالنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىدى.

  بەش يىلنىڭ ئالدىدا لى چۈنچېڭ ئۈچۈن «40 مىليون يۈەن پارا ئېلىش» كىچىك ئىش ھېسابلىناتتى، پارتىيەمىز چىرىكلىك بارغانسېرى ئەدەپ كېتىشتەك كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى.

  «سەنشى ئۆلكىلىك ھەربىي رايونىنىڭ سابىق قوماندانى فاڭ ۋېنپىڭ، چېڭدۇ ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى ياڭ جىنشەن، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى فەن چاڭمى...»

  پىروفېسسور جىن يىنەن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقىدا، چىرىكلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان بىر مۇنچە گېنېرالنى ساناپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيەدە ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىدىكى كادىردىن 100 نەچچىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇ سان يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدە قۇربان بولغان گېنېراللارنىڭ سانىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى.

  «شۇنداقمۇ كوممۇنىستلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار قوراللىق دۈشمەنگە بويسۇنمايدۇ، دۈشمەن ئالدىدا ئۇلار قەھرىمان دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ؛ لېكىن ئۇلار شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ».

  68 يىل ئىلگىرى، «بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىش»نىڭ ھارپىسىدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ.

  «ئىمتىھان» مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىمتىھان سوئاللىرى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

  چىرىك تۇرمۇشنىڭ چىرىتىشى، مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ «قورشاپ ئوۋ قىلىشى»، پۇل مەنتىقىسىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرى ۋە پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە گەۋدىلىك بولمىغان مەسىلىلەر پارتىيەنى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغان، گۈللىنىش ياكى ھالاك بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئالدىنقى سەپكە قەدەممۇ قەدەم قىستىدى.

  «نۇرغۇن پاكىت شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، چىرىكلىك مەسىلىسى قانچە ئېغىرلاشسا، ئاخىرىدا پارتىيە، دۆلەت مۇقەررەر ھالدا ھالاك بولىدۇ!»، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، پۈتۈن پارتىيەگە غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  يۈزلىگەن، مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتىشكە رازىمىزكى، 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز!

  زادىلا سىغىشالمايدىغان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بىردىنبىر تاللاشقا ئايلاندى.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبىرى چىرىكلىك مەسىلىسىنى دەرھال چوقۇم ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، دېگىنىنى قىلدى.

  لەۋزىدە تۇرۇش كېرەك، ئېغىزدىن چىققان سۆزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ!

  لى چۈنچېڭدىن كېيىن، ھەر ئايدا دېگۈدەك مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ئەڭ كۆپ بولغاندا «بىر ئايدا يەتتە يولۋاس يوقىتىلدى». قىسقىغىنا بەش يىلدا مەملىكەت بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە باشلىقى، جۈنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپىدىكى پارتىيەلىك كادىر ۋە باشقا مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 440 ئادەمگە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى 43، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى توققۇز.

  يۇقىرىدا جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىق «چوڭ يولۋاس»لاردىن تارتىپ، تۆۋەندە ئامما ئەتراپىدىكى «ئاچ كۆز چىۋىن، چاشقان»لارغىچە ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ، ھېچكىم «تۆمۈر قالپاقلىق بەگ» ئەمەس.

  قاتتىق بوران- چاپقۇن يەر- جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى يېڭىلىدى.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتى بارغانسېرى كۆپ ماختاشلارغا ئېرىشمەكتە.

  بىر ئۆلكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 45 ۋەكىلى پارا بېرىپ سايلامغا قاتناشتى، 1000غا يېقىن «ھۆكۈمەت سودا ساھەسى سەرخىللىرى»مۇ بۇنىڭغا چېتىلدى. 2016- يىلى 9- ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى ھەم جامائەتكە ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پارا بېرىش دېلوسى ئاشكارىلاندى، بۇ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

  سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش دەپسەندە قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۆۋەن چېكى خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىككىلەنمەي كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، «قانۇن كۆپكە تەگمەيدۇ» دېمەستىن مۇرەسسە قىلماي، قىلچىلىك ئىمكانىيەت قالدۇرمىدى.

  لياۋنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ!

  سەنشىدىكى سىستېمىلىق گۈمۈرۈلمە چىرىكلىك، سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچۇڭدىكى سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسى، خۇنەن خېڭياڭدىكى سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسى... قاتارلىق چوڭ، مۇھىم دېلولار، چاتما جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرى، ئۇۋا دېلولار ئاممىغا ئاشكارىلاندى.

  ئۆز ئوبرازىنى قايتا تىكلەشتە، چوقۇم ئەزىمەتلەرگە خاس ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارەت بولۇش كېرەك.

  2015- يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بولسىمۇ، ۋەزىيەت يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولدى.

  بۇ چاغدا، جەمئىيەتتە قىسمەن شاۋقۇنلار پەيدا بولدى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپ، كادىرلارنى رولىنى جارى قىلدۇرالماس قىلىپ قويدى»، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پارتىيەنى ۋەيران قىلامدۇ؟»، «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھوقۇق كۈرىشىمۇ ياكى <قارتا ئۆيى>مۇ؟»...

  شاۋقۇننىڭ ئارقىسىدا ھەم تونۇش مۈجمەل بولۇۋاتقان گۇمان، ھەم يوشۇرۇن داۋاملىشىۋاتقان كۈچ سىنىشىشلار بار.

  «خەلق ھوقۇقنى بىزگە تاپشۇرغان ئىكەن، بىز جەزمەن پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بارلىقىمىزنى بېغىشلاپ، جاۋاب قايتۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز، رەنجىتىشكە تېگىشلىك كىشىلەرنى رەنجىتىشىمىز كېرەك».

  ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىنلىك بىلەن يەنىلا بىر پىكىرنى ئۆلچەم قىلدى.

  يېڭىلىشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا يېڭىلسەك قەتئىي بولمايدىغان بۇ كۈرەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قاتمۇ قات بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەر خىل خىرىسلارغا ئۇدۇل يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان سىياسىي جاسارىتى ۋە سىياسىي دانالىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇردى.

  2016- يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، بىر ئارىبۇس تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم قورۇسىغا كىردى. شۇ چاغدىكى مۇۋەققەت شۇجى، شەھەر باشلىقى خۇاڭ شىڭگو مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ «يەنە بىر قېتىملىق زىيارىتى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغانىدى.

  بۇ مۇۋەققەت شۇجى بۇ قېتىمقى كۆزىتىشنىڭ «سالامەتلىك تەكشۈرۈپ رەسمىيلەشتۈرۈش»تىكى «جىلۋىلىك كۈلۈمسىرەش» بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ۋاھالەنكى، ئىككى يېرىم ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى كۆزىتىشتىن كېيىن تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتى.

  بەش يىلدا تاۋلانغان كۆزىتىش شەمشىرى بىر پارتىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۆزىنى نازارەت قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئۆتكۈر تۈزۈم قورالىغا ئايلاندى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلارغا چېتىلىدىغان %60تىن كۆپ يىپ ئۇچى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشىلدى.

  ھوقۇقنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىدا، بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، قانۇن- بەلگىلىمە تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش چارىسىدە ئارقا- ئارقىدىن يېڭىلىق يارىتىلدى.

  پىچاقنىڭ بىسى ئىچىگە قارىتىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاپ، بەدەن تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇلدى.

  ھازىرقى دۇنياغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھېچقانداق پارتىيە بۇنداق ئىرادە ۋە سالماق بىلەن «ئۆزىنى ئۆزى ئوپېراتسىيە قىلالىغان ئەمەس».

  بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى كىشىلەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان ئۇلۇغ ئىشى.

  2016- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ، پايتەخت ئايروپورتى.

  چاچلىرى ئاقارغان بىر ئايال ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئىككى ئايال ساقچىنىڭ يالىشىدا ئايروپىلان شوتىسىدىن ئاستا چۈشتى. 13 يىل ئىلگىرى «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 قاچقۇن» ئىچىدىكى 1- جىنايەت گۇماندارى، جېجياڭ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى ياڭ شيۇجۇ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلىش سەۋەبىدىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «ئۆلسىمۇ ئامېرىكىدا ئۆلۈش»نى نىيەت قىلغانىدى.

  13 يىلدىن كېيىن ج ك پ نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى داغدۇغا بىلەن چەت ئەللەرگىچە كېڭەيتىلدى، ياڭ شيۇجۇ خەجلەيدىغان پۇلى، تايىنىدىغان يۆلىكى، قاچىدىغان يولى قالماي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ھەممىنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان ياڭ شيۇجۇ ئاخىر «دۆلەتكە شەرتسىز قايتىپ، قانۇننىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىش»نى قارار قىلدى.

  ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ھەققانىيەت ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ.

  2015- يىلىدىكى «تىركىشىش ھالىتى»دىن 2016- يىلىدىكى «بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرلىك ھالەتنىڭ ئاستا- ئاستا شەكىللىنىشى» گىچە، ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرلىك ۋەزىيەت شەكىللەندى ۋە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى».

  چەت ئەللەردە قاچقۇنلار يولدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك قىيىن ئەھۋالدا قالدى؛ دۆلەت ئىچىدە تۈمەنلىگەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى تەشكىلگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇردى.

  بۇ، بىر پارتىيەنىڭ كەسكىن ئۆزگىرىشى، بۇ، بىر دۆلەتنىڭ نۇرلۇق ئۈمىدى.

  2016- يىلى، خەلقنىڭ پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى %75تىن %92.9كە ئۆرلىدى.

  يېقىندا، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەرىپلىدى ھەم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇشنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

  «ئاسىيادىكى ئەڭ پاك دۆلەت» دەپ نام ئالغان دۆلەتتىن كەلگەن بۇ رەھبەر بىر پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا پاكلىقنى باشتىن- ئاخىر ساقلىشىغا قانچىلىك جاسارەت، قانچىلىك شىجائەت، قانچىلىك ئەقىل- پاراسەت كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى.

  بەش يىلدا بوران- چاپقۇن، جەبىر- جاپالارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، پولات كەبى تاۋلاندۇق.

  چىرىكلىكتىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى قىيىن مەسىلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە بىلەن كاپىتالنىڭ چەك- چېگراسىنى ئېنىق ئايرىدى، ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك چەكلىدى ۋە نازارەت قىلدى، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتتى... بىر قاتار تەدبىر ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق ئىلغارلىق، پاكلىقنى باشتىن- ئاخىر ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر