باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ساداسى

تىرىشىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىمىز

مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي، ياۋ تۇڭ

2017.10.23 17:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر 10- ئاينىڭ 20- كۈنى 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى.

  سۈرەتتە: ۋەكىل فۇ چۈنلى (سولدىن 2- كىشى) سۆز قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.

  19- قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمنىڭ مەزمۇنى مول. «ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى»دىن «گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى»غىچە بولغان ئۆزگىرىش جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە راۋاجلىنىش باسقۇچىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى يېڭى ئالاھىدىلىك، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى خىرىسلارنى گەۋدىلەندۈردى. جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ تارىخىي يېڭى ئۆزگىرىشىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  ۋەكىل پىلىجە:

  گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى


  19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۈستىدىن يېڭىدىن مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە تەرەققىياتنى پىلانلىشىمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى». خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى ئۇلزېتۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاياللار ھەيئىتى مۇدىرى، ۋەكىل پىلىجە مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بار- يوقنىڭ غېمىنى قىلاتتۇق، ھازىر ياخشى بولغان- بولمىغانلىقىغا قارايدىغان بولدۇق.

  ۋەكىل پىلىجە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى»دىن «گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى»غا ئۆتۈپ، «قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش»تىن «تەڭپۇڭ بولمىغان، يېتەرلىك بولمىغان تەرەققىيات»قا ئۆتۈپ، دىققەت نەزەرىمىز كېڭەيدى، دىققەتنى مەسىلىگە تېخىمۇ توغرا مەركەزلەشتۈرىدىغان بولدۇق. ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ تارىخىي ئۆزگىرىش بەش يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئورنىنى ئېنىق بېكىتكەنلىكتۇر.

  دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن يېڭى ھۆكۈم ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاياللار، بالىلار خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مەزگىل شۇغۇللانغان ۋەكىل پىلىجە مۇنداق دېدى: يېزىلاردا ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى دېھقانلار چىرايلىق كۆڭلەك، ئېسىل ئويۇنچۇق دېگەندەك بىر قەدەر سۈپەتلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆسكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ۋاڭ پىڭ:

  تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تېخىمۇ يېتەرلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىمىز


  بىڭتۈەن 5- شىسى 84- تۈەنى 7- ليەنىدىن كەلگەن ۋەكىل ۋاڭ پىڭ «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدە ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 400 ئات كۈچىلىك تۇنجى ئاپتوماتىك خوتلۇق تىراكتورنى كۆرۈپ، ليەندۈيگە مۇشۇنداق تىراكتوردىن بىرنى سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەلدى.

  ۋەكىل ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز. كىيىش- تويۇش مەسىلىسى ئاللىقاچان ھەل قىلىنىپ، ھەميانلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى تومپىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ماددىي ھۇزۇر، مول مەنىۋى تۇرمۇش، تېخىمۇ سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان، ساپ ھاۋاغا ئىنتىلىۋاتىمىز، يەنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشماقتا.

  ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا، دوكلاتتا «ئىككىنى چوقۇم تونۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگەرگىنى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇزاققىچە تۇرىدىغانلىقىدەك ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىدەك خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. ۋەكىل ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بىزدىن سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تېخىمۇ يېتەرلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  ۋەكىل خەي جۈ:

  جاسارەت بىلەن يەڭنى تۈرۈپ ئىشلەيمىز


  ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل خەي جۈ مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتكە قايتا تەبىر بېرىشتىكى مەقسەت «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش»تەك تەنتەنىلىك ۋەدىنى نەقلەشتۈرۈشتۇر. يۆنىلىشىمىز ئايدىڭلاشتى، ئەمدى يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەيمىز.

  خەلقنى يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس كۈرەش نىشانى. ۋەكىل خەي جۈ مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا، ۋاڭجياجۇاڭ كەنتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇھىتىمىز گۈزەللەشتى، ئەمەلىي كۈچىمىز زورايدى، پۇقرالار بېيىدى، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولدى. ئەمما مېنىڭچە، يۈكسىلىش بوشلۇقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ، يەنە ھەسسىلەپ تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن- ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، مۇھىتنى ياخشى ئاسراپ، يۇرت- ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ھەر بىر ئىشىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى يەنە بىر بالداق ئاشۇرىمەن.

  ۋەكىل خەي جۈ مۇنداق دېدى: يېڭى سەپەردىكى ئىلگىرىلەش يولىدا ھەممىمىز ئىشتىراكچى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەت پائال ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر