باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ليۇ جىخۇەي 19- قۇرۇلتايدا «مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

كەسپىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرىمىز

مۇخبىرىمىز يۈەن لېي

2017.10.23 17:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزى 10- ئاينىڭ 22- كۈنى بېيجىڭ «مېدىيا» مەركىزىدە «مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى» توغرىسىدا كوللېكتىپ زىيارەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى «مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

  سۈرەتتە: 19- قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىخۇەي (سولدىن 3- كىشى) مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. (مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

  10- ئاينىڭ 22- كۈنى سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 19- قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ «مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى» توغرىسىدىكى كوللېكتىپ زىيارەت يىغىنى بېيجىڭ «مېدىيا» مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مائارىپ سېپىدىن كەلگەن باشقا بەش نەپەر پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بىلەن بىللە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ليۇ جىخۇەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا مەدەت بەرگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تۇنجى سوئالنى ۋەكىل ليۇ جىخۇەيدىن سورىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى: ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە، كەسپىي مائارىپ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، لېكىن ھازىر كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، سىزنىڭچە، قانداق قىلغاندا كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ دەپ سورىدى.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مۇنداق جاۋاب بەردى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئارقىلىق ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مېنىڭچە، بۇ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى قاتلامنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج. مەكتەپلەر بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇتۇشى؛ ئىككىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلىيەلەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئومۇمىي دەرس، كەسپىي دەرس ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتىگە ھۈنەرۋەن روھى تەربىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈش كېرەك.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. جەمئىيەتتىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ ماھارەتلىك ئەمگەكچىلەرگە بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تۈگىتىپ، باراۋەر بولغان، ھۆرمەت قىلىدىغان مۇھىت يارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تۈزۈم قاتلىمىدىن قوغداش كېرەك، مەكتەپ، جەمئىيەت ھۈنەرۋەن روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئورتاق كۆڭۈل بۆلگەندىلا، ئېلىمىزدە ئاندىن چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا كېلىدۇ.

  «قوش ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەر» تىزىملىكىگە قانداق قارايسىز؟ ئوقۇغۇچىلار ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنى قانداق قىلغاندا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى تولۇقلاپ ئۆتۈش ھادىسىسىگە قانداق قارايسىز... 80 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشقان كوللېكتىپ زىيارەت داۋامىدا، ئالتە ۋەكىل ئۆزلىرىنىڭ قارىشى، تەسىراتى ۋە ئويلىغىنىنى سۆزلىدى.

  كوللېكتىپ زىيارەت ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ۋەكىل ليۇ جىخۇەينىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرى تۈگىمىگەنىدى، ئۇ داۋاملىق شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا كەسپىي مائارىپ ناھايىتى مۇھىم. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپى جەزمەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ماھارەت ئىگىلىشى، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئادەم كۈچى بايلىقى كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ۋەكىل ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش بىلەن تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان كەسپىي مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوكلاتنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى، بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپنىڭ تېز تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر