خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش لى كېچياڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىدا ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەسلەپ ۋە خۇلاسىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. دوكلاتتا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى.
لى كېچياڭ مۇزاكىرىدە ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىرلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ھەم كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇڭا دۆلىتىمىز تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، بىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى