باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ھەممىمىز بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشمىز كېرەك

2017.10.20 15:35   مەنبە: خەلق تورى

ھەممىمىز بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشمىز كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان گۇيجۇ ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، دوكلات پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت يېڭى ھۆكۈمنى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى ئالاھىدىلىكنى، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى نىشانىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاڭلىغاچ خاتىرە قالدۇردى، ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى. ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ پەنجۇ شەھىرى يۈنى يېزىسى يەنبو كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ ليۇفېن سۆز قىلىپ: دېھقانلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولدى، دېدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولغان ھالدا: بۇ دېھقانلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدىغان سىياسەت، دېدى. زۈنيى شەھىرىنىڭ بوجۇ رايونى فېڭشياڭ بازىرى خۇاماۋ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەن كېگاڭ سۆز قىلىپ: يېزا سەھرا ئارامگاھى ساياھەتچىلىكى يۇرتداشلىرىمىزنىڭ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى، دېگەندە، شى جىنپىڭ: سەھرا ئارامگاھىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەم سەھرا ساياھەتچىلىكىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۆلچەرلەپ، ئالدىن تەدبىر بەلگىلەپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېدى. بىجيې شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ جيەنكۇن سۆز قىلىپ: ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسىدا ياچېيكا قۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۇرسى ئاچتۇق، دېگەندە، شى جىنپىڭ تەكىتلەپ: يېڭى دەۋردىكى دېھقانلار كۇرسى بىر يېڭىلىق، پارتىيەنىڭ يىلتىزى ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردا پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، دېدى. چيەنشىنەن ئوبلاستىنىڭ جېنفىڭ ناھىيەسى لۇڭچاڭ بازىرى لۇڭخې كەنتى شىپاخانىسىنىڭ دوختۇرى جۇڭ جىڭ يېزىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، شى جىنپىڭ: ھازىر دېھقانلارنىڭ بىر يىلدا تاپشۇرىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققى نەچچە پۇل، نامرات يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندىمۇ، دەپ تەپسىلىي سورىدى. گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ليۇپەنشۈي شەھىرى جۇڭشەن رايونى داۋەن بازىرى خەيگا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى ياڭ بو ئۆزىنىڭ ئۇدا سەككىز يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەندە، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك، ھەر قايسى تەرەپتىكى ساپاسى ياخشى، شارائىت ھازىرلىغانلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ياش كادىرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە چيەندۇڭنەن ئوبلاستىنىڭ جىنيۈەن ناھىيەسى جياڭگۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى خۇاڭ جۈنچيۇڭغا مۇنداق دېدى: كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ-تەربىيەلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىنى كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى