باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شەنشى ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىز ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك

2017.10.20 15:32   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىمىز ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش جاڭ گاۋلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق شەنشى ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىللە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتتا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى شەرھلەندى. دوكلات يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ تەييارلانغان، يول ئېچىپ يېڭىلىق ياراتقان، مەزمۇنى مول، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ماركسىزم ھەقىقىتى نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم تاشلىشى، يېڭى مۇساپىنى باشلىشى، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت قىبلىنەماسى. بىز دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  شەنشى ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بەس-بەستە پىكىر بايان قىلدى، يىغىن كەيپىياتى قىزغىن بولدى. جاڭ گاۋلى ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەڭداشسىز ئەۋزەللىكى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى