باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇلتاي ۋەكىلى ۋاڭ فېيشۆ: سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلىغۇچ ھازىر ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەسى بولۇپ قالدى

2017.10.23 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن كەچ سائەت 20دە، «جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا پۇختا قەدەم ئېلىش» تېمىسىدىكى كوللېكتىپ زىيارەت بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرون پەن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ فېيشۆ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ فېيشۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئون نەچچە يىلدىن بېرى، مەن ئېلىمىزنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئىشلەپ چىققان سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش سىستېمىسى ۋە يەتتە قاراقچى سىستېمىسىنىڭ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم. بىز كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىققاندا،سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلىغۇچنىڭ يول كۆرسىتىشىگە كۆنۈپ قالدۇق. بىر نەچچە يىلدىن بېرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۆچمە تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەسىلەن، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش، سىرتتىن تاماق زاكاز قىلىش دېگەنلەر، يەنە بۇ يىل مودا بولىۋاتقان ھەمبەھىر ۋېلىسىپىتلىرى دېگەندەكلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلىغۇچنىڭ بۇلارنى توغرا بولغان ئورۇن ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىت ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلىغۇچ يەنە كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقە تورى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرى بولۇپ شەكىللەندى. سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش سىستېمىسى بىر چوڭ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ، دۆلىتىمىزدىكى نەچچە يۈز ئورۇننىڭ ۋە يەتتە قاراقچى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھازىر يەتتە قاراقچى سىستېمىسى ھەر قايسى ساھەدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ، ئۇ يەنە مىليونلىغان يان تېلېفونغا كىرگۈزۈلدى.

  يولداش ۋاڭ فېيشۆنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  ۋاڭ فېيشۆ، ئەر، خەنزۇ، 1971- يىلى 1- ئايدا تۇغۇلغان، 1988- يىلى 8- ئايدا دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 1998- يىلى 12- ئايدىن ھازىرغىچە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈپ مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا، ھازىردۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتىرون پەن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەش مەخسۇس تۈرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش سىستېمىسى چوڭ پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنىڭ يول باشلاش تېخنىكىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىدىن بىر تۈرىگە ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىدىن يەنە بىر تۈرگە ئېرىشكەن، ھەمدە ئارمىيە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىدىن ئۈچ تۈرگە ئېرىشكەن، يەنە جۇڭگو ياشلىرى 4- ماي مېدالى،جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى «ئىزدىنىش» ناملىق كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى، ئارمىيە بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالانغان، شۇنداقلا بىر قېتىم 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن، يەنە بىر قېتىم تۇرۇشلۇق ئورنىدا شەرەپ بىلەن كوللېكتىپ 2- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن. ھازىر ئۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر